چۆللىشىش ئۇرۇشلاردىنمۇ خەتەرلىك

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چۆللىشىش ۋە يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1219864
چۆللىشىش ئۇرۇشلاردىنمۇ خەتەرلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دېڭىز-ئوكيانلار، يەر ئاستى ياكى يەر ئۈستى ئېقىن سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىشىنىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنقەرە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كونگرە زالىدا «دۇنيا چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئوقۇلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، قۇرغاقچىلىق، چۆللىشىش، بىئولوگىيەلىك خىلمۇ خىللقنىڭ ئازىيىشى ۋە بەزى جانلىق تۈرلىرىنىڭ يوقىلىشى قاتارلىق ئېغىر مۇھىت مەسىلىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلغانلىقلىرىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئېكولوگىيەلىك خىلمۇ خىللىق ۋە تەبىئەت بايلىقلىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، باي دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بايلىقلارنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ مىراسلارنىڭ قىممىتىنى بىلىش ۋە بۇلارنى كېلەچەكتىكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان، تېخىمۇ موللاشقان ھالدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز» دېدى.

يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمان مىنىستىرى بەكىر پاكدەمىرلىمۇ سۆز قىلدى. ئۇ چۆللىشىشنىڭ دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان ۋە بارغانسېرى زورىيىۋاتقان، ئۇرۇشلاردىنمۇ خەتەرلىك بولغان مەرەز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيەدە ھەر يىلى 50 كە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 100 مۇتەخەسسىسكە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تەلىم-تەربىيە بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چۆللىشىش ۋە تۇپراقنىڭ شورلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنىڭ باش مۇدىرى ئەھمەت ئىپەك دۇنيا مىقياسىدا چۆللىشىش ۋە تۇپراقنىڭ شورلىشىشىغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ، مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس پائالىيەتكە ۋىدېئو ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى. ئۇ: «تۇپراقنى ئاسىرىغاندا ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلغاندا مەجبۇرىي كۆچنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر