«پ ك ك دۆلىتى قۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشتى»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدا  بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

1218320
«پ ك ك دۆلىتى قۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى داۋاملىشىۋاتقاندا بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىدلىب، تەل رىفئەت ۋە <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تۈركىيەگە زىيانلىق ئۆزگىرىشلەرگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرغىچە ناھايىتى كۆپ قەدەملەرنى تاشلىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاقىلانە رىياسەتچىلىكى سايىسىدا دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تۈركىيە – سۈرىيە چېگراسىدا پ ك ك دۆلىتى قۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشتى. دەرۋەقە، بەزى كۈچلەرنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى پىلانىمۇ سۇغا چىلاشتى. ھەممىگە مەلۇمكى، شەرقىي ئاقدېڭىزدا جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ ھەم قىبرىس تۈركلىرى ھەم تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىغا ئاساسلىنىدىغان ھەق – ھوقۇقلىرىنى دپسەندە قىلىشىنى ۋە بۇ ھەقتە قەدەم تاشلىشىنى رەت قىلىمىز. ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاساسلىق پوزىتسىيەمىزنى ھەم تۈركىيەنىڭ ھەم قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغان شەكىلدە مۇداپىئە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر