تۈركىيە ئارمىيەسى يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1217863
تۈركىيە ئارمىيەسى يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىن ۋە بىنگۆلدە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىچكى خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئۆمەريان تاغلىق رايونىدا 2، بىنگۆلنىڭ ئاداكلى ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا 2 بولۇپ جەمئىي 4 تېرروچىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر