ئەردوغان: تۈركىيە S-400 سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا قالقان سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشتا كەينىگە دەسسەش بولمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

1217491
ئەردوغان: تۈركىيە S-400 سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ رۇسىيەدىن ھاۋا قالقان سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئىشلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئامېرىكانىڭ تەنقىدلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ سىستېمىنى تۈركىيە تاپشۇرۇش ئىشلىرىنىڭ كېلەركى ئاي ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە S-400 سىستېمىلىرىنى سېتىۋالىدۇ دېمەيۋاتىمەن،. سېتىۋالدى. بىز بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇردۇق» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«S-400 نىڭ باھاسى مۇۋاپىق بولۇشتىن سىرت، بىرلىكتە ياساش ۋەدىسىنى ئالغان ھالدا كېلىشىمىمىزنى ئىمزالىدۇق.» 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر