ئالتۇن: جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملار كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، گېرمانىيەنىڭ برېمېن ۋە كاسسېل شەھەرلىرىدىكى جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملار توغرىسىدا بايانات بەردى.

1216318
ئالتۇن: جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملار كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، گېرمانىيەنىڭ برېمېن ۋە كاسسېل شەھەرلىرىدىكى جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ، دۇنيادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى دۇنياۋى سەۋىيەدە كۈرەش قىلىنمىغان تەقدىردە، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئېغىر خەۋپلەرگە ئۇچراشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن گېرمانىيەدە ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى جامەگە قىلىنغان ھۇجۇملار توغرىسىدا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «گېرمانىيەنىڭ برېمېن ۋە كاسسېل شەھەرلىرىدىكى جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملار دۇنيادا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى دۇنياۋى سەۋىيەدە كۈرەش قىلىنمىغان تەقدىردە، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئېغىر خەۋپلەرگە ئۇچراشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. غەرب دۇنياسى ئىرقچىلىقنىڭ يېڭى بىر شەكلىگە دۇچ كەلدى. بۇ ئىرقچىلىق شامىلى ھەممىدىن ئاۋال دېموكراتىك قىممەت – قاراشلارغا، ئاممىۋى ساھە چۈشەنچىسىگە ۋە دۇنيا تىنچلىقى پىكرىگە خەۋپ يەتكۈزمەكتە، ئورتاق كېلەچىكىمىزگە زىيان سالماقتا. كېلىڭلار، بىرلىكتە ئىرقچىلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلايلى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر