چاۋۇشئوغلۇ ئەربىلدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقلىقىغا سايلانغان نەچىرۋان بارزانى بىلەن كۆرۈشتى.

1215549
چاۋۇشئوغلۇ ئەربىلدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەچىرۋان بارزانىنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئەربىلگە بارغان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەربىل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا نەچىرۋان بارزانى، تۈركىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز ۋە باشقا ئەمەلدارلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

چاۋۇشئوغلۇ ئايرودۇرۇمدا بارزانى بىلەن كۆرۈشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئەربىلدە ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك ئاگېنتلىقى باشلىقى مەسرۇر بارزانى، ئىراق تۈركمەن فىرونتى باشلىقى ئەرشات سالىھ بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر