«پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتىدە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سانى 27گە يەتتى
ئىراقنىڭ شىمالىي ھاكۇرك رايونىدا بۇ يىل 27-مايدا باشلىغان «پەنچە»ھەرىبي ھەرىكىتىدە ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچى سانى 27گە يەتتى.
1212601
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 27گە يەتتى.
ئىراقنىڭ شىمالىي ھاكۇرك رايونىدا بۇ يىل 27-مايدا باشلىغان «پەنچە»ھەرىبي ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتىدە بۈگۈن پ ك ك لىق 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شۇنداق قىلىپ، ھازىرغىچە «پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 27 گە يەتتى.
«پەنچە»ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھاكۇرك رايونىدىكى تېررورچىلارغا تەۋە نۇرغۇن قونالغۇ، ئوق-دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.