ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1210974
ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا، مىللىي بىخەتەرلىكىمىزنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان <400 – س> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ھەققىدە ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىنىش تەكلىپىنى يېڭىلىدى. تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۈركىيەنىڭ پولات ساھەسىگە قارىتا قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قارارنىڭ 75 مىليارد دوللارلىق ئىكىك تەرەپلىك سودا نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى رەھبەر، 28 – 29 – ئىيۇن كۈنلىرى ياپونىيەدە چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا بىر يەرگە جەم بولۇش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر