ئەردوغان تۈركىيەنىڭ س - 400 توغرىسىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1203825
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ س - 400 توغرىسىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
erdogan, gencler1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا ياشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، «بىز س – 400 گە ئالاقىدار ئىشنى ئاخىرلاشتۇردۇق. يەنى بىزنىڭ س – 400 مەسىلىسىدە يېنىۋېلىشتەك بىر ئىشنى قىلىشىمىز ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئىش ئاخىرلاشتى ۋە كېلىشىمىمىز ئىيۇل ئېيىدا س – 400 لەرنىڭ بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ئىدى. بۇنى بەلكى ئالدىغا سۈرۈشلىرى مۇمكىن، تېخىمۇ بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالىمىز. س – 400 دىن كېيىن س – 500 مەسىلىسىمۇ بار. س – 500 دىمۇ يەنە بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ، س – 400 نىمۇ بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىمىز» دېدى.

ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ س – 400 لەرنىڭ ف-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ماس ئەمەسلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز بۇنىڭ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشلىرىنى قىلدۇق. بۇنداق بىر ئىش يوق» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكىدىكى تۈركىيەگە تەۋە ف-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ يېقىن كېلەچەكتە تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر