ئەردوغان سامسۇندا ئۆتكۈزۈلگەن 19 - ماي بايرىمى پائالىيىتىدە سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تېخىمۇ كۈچلۈك بىر كېلەچەك ئۈچۈن ئىرادىمىزنى يېڭىلاۋاتىمىز» دېدى.

1203963
ئەردوغان سامسۇندا ئۆتكۈزۈلگەن 19 - ماي بايرىمى پائالىيىتىدە سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سامسۇن تۈتۈن پورتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنىڭ 100 يىللىقى مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۈگۈن 19 – مايدا سامسۇندىن باشلىنىپ 2023 – يىلى 29 – ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان بىر قاتار 100 يىل پائالىيەتلىرىنى باشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئوسمانلىنىڭ بالقان رايونىدىن چېكىنىش ئەسناسىدا ئەڭ ئېغىر قىرغىنچىلىقنىڭ تۈرك مىللىتىگە يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تۈرك مىللىتىنىڭ شۇنچە چوڭقۇر ئازابقا قارىماي، ھېچقاچان دۈشمىنىگە ئوخشاپ قېلىشتەك بىر خاتالىقنى سادىر قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھۇجۇم دولقۇنىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «ھەركۈنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا دۆلىتىمىزگە قۇرۇلغان قىلتاقلارنى بۇزۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك كېلەچەك ئۈچۈن ئىرادىمىزنى يېڭىلاۋاتىمىز» دېدى.

«غازى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك 19 – مايدا ئىشغالغا بويۇن ئەگكۈچىلەرگە، چارىنى بېقىندىلىقتا دەپ قارىغۇچىلارغا قارىماي، پەقەت ھەققە ۋە خەلقكە ئىشىنىپ كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، بىزمۇ ئوخشاش شەكىلدە ھەرىكەت قىلىمىز» دېگەن ئەردوغان، ياشلاردىنمۇ 19 – ماي روھىنى بىرىنچى كۈنىدىكىدەكلا ھاياجان ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر