تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت - ئىچى سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەبە بېرىشنى دۋاملاشتۇرماقتا.

1203912
تۈركىيە ئارمىيەسى دۆلەت - ئىچى سىرتىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە شىرناقتا 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، 2 تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىچكى خەۋپسىزلىك ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە شىرناققا قاراشلىق گۈلەشلى يېزىسى نەسەب ۋادىسى رايونىدا 2 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىرناقنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدىمۇ پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى لاگېرلىرىدىن قېچىپ كەلگەن بىر ئەر، بىر ئايال بولۇپ جەمئىي 2 تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

مارت ئېيىدىن بۇيان 21 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 52 تېررورچى خابۇر چېگرا ئېغىزىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بولسا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىستىھكام، پاناھلىنىش ئورنى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئورۇنلار بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر