19 - ماي تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلەنمەكتە

بۈگۈن داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈركنىڭ مىللىي كۈرەشنى باشلاش ئۈچۈن سامسۇنغا بارغىنىغا 100 يىل بولغان كۈن.

1203910
19 - ماي تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلەنمەكتە
19 mayis3.jpg
19 mayis2.jpg
samsun bayrak yuruyus1.jpg
samsun bayrak yuruyus.jpg
19 mayis1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى تۈركىيە مىقياسىدا، چەت دۆلەتلەردىكى ۋاكالەتخانىلاردا ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ھەر خىل مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلەنمەكتە.

ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇ، 19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا بارغان  مىنىستىر ۋە ھەمراھلىقىدىكىلەر، خاتېرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويدى، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى. ئارقىدىن خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىگە «ئاخىرقى نەپىسىمىزگىچە دۆلىتىمىزگە، ۋەتىنىمىزگە ئىگە چىقىدىغانلىقىمىزغا ۋە سىز تۇتاشتۇرغان مۇستەقىللىق روھىنى ياشنىتىدىغانلىقىمىزغا ۋەدە بېرىمىز» دەپ يازدى.

ئىستانبۇلدىمۇ 19 – ماي مۇناسىۋىتى بىلەن تاقسىمدىكى جۇمھۇرىيەت خاتىرە تېشى ئالدىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويۇلدى، ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇلدى ۋە مۇستەقىللىق مارشى ئوقۇلدى.

بۇ جەرياندا، ئاتاتۈركنىڭ 1919 – يىلى 19 – مايدا دېڭىز يولى ئارقىلىق سامسۇنغا بېرىشىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەردە (سامسۇندا) ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە.

پائالىيەتلەر دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ياشلار ۋە بايراق يۈرۈشى» دە 1919 – مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۈرك بايرىقى ئېچىلدى.

ئاتاقۇم ناھىيەسىدىكى چوبانلى پورتىدىن باشلانغان يۈرۈشكە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن سامسۇنغا بارغان ياشلار ۋە ئامما ئىشتىراك قىلدى.

يۈرۈش بويىچە ھەرخىل مارشلار توۋلاندى.

19 – ماينى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە سامسۇندىكى ئونۇر خاتىرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويۇلغاندىن كېيىن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇلدى، مۇستەقىللىق مارشى ئوقۇلدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار پائالىيەتلەر داۋاملاشتۇرۇلدى.

ئىزمىردىمۇ 19 – ماي يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، تەنتەربىيەچىلەر 10 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە يۈرگۈردى.

مۇغلانىڭ فەتھىيە ناھىيەسىدە بولسا، غەۋۋاسلار مىللىي مۇجادىلىنىڭ 100 يىلىنى دېڭىزنىڭ ئاستىدا تۈرك بايراقلىرى بىلەن تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر