قالىن «نەكبە» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا بولغان پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈركىيەنىڭ، ھەقلىق دەۋاسىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1202124
قالىن «نەكبە» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا بولغان پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان پەلەستىن زېمىنلىرىدا 1948 – يىلى 14 - مايدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، پەلەستىنلىكلەر «نەكبە» يەنى «ئېغىر پاجىئە» دەپ ئاتىدىغان كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ئورتاقلاشتى.

ئىبراھىم قالىن ئۇچۇرىدا «پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە شەرەپلىك كۈرىشى داۋام قىلماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالى، سۈرگۈن، تۇتقۇن ۋە قەتلىئام قىلىشلىرى؛ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى ۋە نومۇس قىلارلىق دەرىجىدىكى سۈكۈتى ئۇلارنى ھالسىرىتىپ قويمىدى، ھالسىراتمايدۇ. تۈركىيە، ھەقلىق دەۋاسىدا پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر