ئالىي سايلام ئورگىنى ئىستانبۇل سايلىمىغا ئالاقىدار قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي سايلام ئورگىنى، 31 – مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامنىڭ ئىستانبۇلدا قايتىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارار قىلدى.

1196312
ئالىي سايلام ئورگىنى ئىستانبۇل سايلىمىغا ئالاقىدار قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىي سايلام ئورگىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، بېلەت تاشلىغۇچىلار 23 – ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا قايتىدىن بېلەت تاشلايدۇ.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ھەرخىل قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستانبۇلدا سايلامنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قايتىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، ئالىي سايلام ئورگىنىغا ئالاھىدە ئېتىراز ئىلتىماسى سۇنغانىدى.

ئالىي سايلام ئورگىنى ئېتىرازلارغا قاراپ چىقىپ، 4 كە قارشى 7 ئاۋاز بىلەن ئىستانبۇلدا سايلامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قايتىدىن ئۆتكۈزۈشكە قارار قىلدى.

ئورگان يەنە، نۆۋەتتىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئىسپاتنامىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا قارار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر