تۈركىيە شىمالىي ماكېدونىيەدىكى سايلام توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە شىمالىي ماكېدونىيەدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1195577
تۈركىيە شىمالىي ماكېدونىيەدىكى سايلام توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شىمالىي ماكېدونىيەدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنستىىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي ماكېدونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلىشىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. پىرېزىدېنتلىق سايلام نەتىجىسىنىڭ شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. تۈركىيە شىمالىي ماكېدونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە بالقان رايونىدا مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن رايون خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

شىمالىي ماكېدونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ماكېدونىيە سوتسىيال دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسى نامزاتى ستېۋو پېنداروۋسكى ئۇتۇپ چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر