شىرناكتا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى
شىرناكتا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرد، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن چىققان ئېتىشىشلاردا ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى.
1195399
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىرناكتا داۋام قىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، تۈنۈگۈن (5-ماي) تېررورىستلار بىلەن چىققان ئېتىشىشتا ئىككى ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.