ئەردوغان دودىك بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىلوراد دودىك بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1194331
ئەردوغان دودىك بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىلوراد دودىك ۋە كېڭەش ئەزاسى شېفىق كارفېروۋىچ بىلەن ئايرىم – ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىمزالىغان <ئەركىن سودا كېلىشىمى> تىجارەت ھەجمىنى 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەنە بىز ئىمزالىغان <سارايىۋو – بېلگراد تاش يول كېلىشىم لايىھەسى> مۇ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»

ئېنېرگىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، ساياھەت، يېزا ئىگىلىك وۋە چارۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭمۇ كۈنتەرتىپلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدىىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بولۇپمۇ <تۈرك ئېقىمى> لىنىيەسىنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىناغىمۇ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمىز.»

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ باشلىقى مىلوراد دودىك بولسا، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ياۋروپا – ئاتلانتىك ئورگانلىرى بىلەن پۈتۈنلۈشىشى يولىدىكى غەيرەتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ تۈركىيەنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانى قىزغىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ «تۈرك ئېقىمى» لىنىيەسى لايىھەسىگە داخىل بولۇشى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى غەرب بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان بۇ لىنىيەگە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭمۇ داخىل بولۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر