تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نىشانلىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.
1193652
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ، قاندىل ۋە ئاۋاشىن - باسيان رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىستىھكام، ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان جايلارنى بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.