تۈركىيە رەھبەرلىرى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە رەھبەرلىرى «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 99 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

1188418
تۈركىيە رەھبەرلىرى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى
2019_nisan_anitkabir_3.jpg
2019_nisan_anitkabir_2.jpg
2019_nisan_anitkabir.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇق باشچىلىقىدىكى ھەيئەت «23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى» ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ 99 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى، ئاندىن  ھۆرمەتتە تۇرۇلدى ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى، ئارقىدىن،  مىساقى مىللىي راۋىقىغا ئۆتكەن سەلچۇق ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىمۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويۇشىدىن كېيىن ھۆرمەتتە تۇرۇلدى ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.

ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئەزالىرىمۇ قاتناشتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغىمۇ، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى  رەھبىرى دۆلەت باھچەلى، ئىيى پارتىيە رەھبىرى مەرال ئاقشەنەر ۋە بىر قىسىم مىنىستىرلاردىن تەشكىل تاپقان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپنىڭ ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويۇشىدىن كېيىن ھۆرمەتتە تۇرۇلدى ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.

شەنتوپ مىساقى مىللىي راۋىقىدىكى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر