تۈركىيە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۇرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د / ي پ گ نىڭ كونتىروللۇقىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان س د گ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

1186918
تۈركىيە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننى قاتتىق ئەيىبلىدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاتالمىش س د گ ھەيئىتىنى ئېلىيسې سارىيىدا كۈتۈۋالغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ماكروننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۇرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د/ ي پ گ نىڭ كونتىروللۇقىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان س د گ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇيرۇقچىلىرىنى سۇنئىي بىر شەكىلدە قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ ئۇرۇنۇش ئىتتىپاقداشلىق مۇناسۋەتلىرىگە قەتئىي ماس كەلمەيدىغان ئىنتايىن خاتا بىر قەدەمدۇر» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، «سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يول قويماسلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ۋە تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشتىن قەتئىي چېكىنمەيدىغانلىقىنى قايتا ئەسكەرتمەكچىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر