چاۋۇشئوغلۇ: فىرانسىيە بىزگە دەرس بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە تارىخ مەسىلىسىدە تۈركىيەگە دەرس بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۆلەتنىڭ فىرانسىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1182311
چاۋۇشئوغلۇ: فىرانسىيە بىزگە دەرس بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۆلەت
fransiz parlamenter nato.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو پارلامېنت ئانسامبىلىنىڭ 99 – نۆۋەتلىك Rose-Roth مۇھاكىمىسى ۋە ئاقدېڭىز ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە گۇرۇپپىسى ئورتاق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا، فىرانسۇز پارلامېنت ئەزاسى سونىيا كرىمىنىڭ ئاتالمىش ئەرمەن قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا ناھايىتى ئېغىر ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ جاۋاب قايتۇردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ 24 – ئاپرېلنى ئاتالمىش ئەرمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى دەپ ئېلان قىلىشىنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى ۋە ب د ت قارارلىرىغا خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغان چاۋۇشئوغلۇ، «سىلەر سىياسەتچىلەر تارىخ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشنى، قارار چىقىرىشنى ئۆزۈڭلار ھەققى دەپ قارايسىلەر. قاراش باشقا، قارار چىقىرىش باشقا ئىشتۇر. قېنى قايسى مەلۇماتقا ئاساسەن تارىخ توغرىسىدا بۇنچىلىك كەسكىن قارار چىقاردىڭلار. مەلۇمات يېتەرسىز بولسىمۇ قارار چىقىرىشنىڭ بىرلا سەۋەبى باردۇر، ئۇ بولسىمۇ ئاۋامچىلىقتۇر» دېدى.

ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە تارىخ مەسىلىسىدە تۈركىيەگە دەرس بېرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۆلەتنىڭ فىرانسىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «چۈنكى رىۋاندا ۋە ئالجىرىيەدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. فىرانسىيە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ تارىخىغا قاراپ چىقسۇن. تۈركىيەگە دەرس بېرىشكە ئۇرۇنمىسۇن. شۇنداق، سىلەر مۇشۇنداق يۇقىرىدىن قاراشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، بىزمۇ سىلەرگە بۇ شەكىلدە ھەددىڭلارنى بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن فىرانسۇز پارلامېنت ئەزاسى يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر