ئەردوغان بولىۋىيەگە رەھمەت ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن داۋاسىنى بولۇپمۇ قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى ۋە پەلەستىنلىك پۇقرالارنى قوغداش مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن بولىۋىيەگە رەھمەت ئېيتتى.

1180642
ئەردوغان بولىۋىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان بولىۋىيە پىرېزىدېنتى ئېۋو مورالېس ئايما بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئېلىپ بارغان ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سۆزىدە، مورالېسنىڭ بولىۋىيەدىن تۈركىيەگە پىرېزىدېنت سۈپىتىدە قىلغان تۇنجى زىيارىتىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇلتۇر لاپاز باش ئەلچىخانىسىنى ئاچقانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە بولىۋىيەنىڭمۇ ئەنقەرەدە باش ئەلچىخانا ئېچىشنى قارارلاشتۇرۇشىدىن خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

كېلەر يىلى تۈركىيە – بولىۋىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئونىتىلغانلىقىنىڭ 77 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ مەقسەتتە 2020 – يىلى ھەر ئىككى دۆلەتتە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كىشىلىك دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشلىرىدا قوشما ئىقتىسادىي كومىتېتنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنىڭ بۇ يىل ئۆتكۈزۈلۈشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا – ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ  % 250 ئېشىپ، 113 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت مورالېس بىلەن بۇ رەقەمنىڭ ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا يېڭى نىشان بەلگىلەپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە 500 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق.»

ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزئارا سېلىنمىلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىكەنلىكىنى، بولىۋىيەنىڭ لاتىن ئامېرىكا ۋە كارايىب ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادا ئاشقۇن ئوڭچىل ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بارغانسېرى  ئەۋج ېلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايمىز. ھەر تۈرلۈك ئايرىمچىلىقنى، باشقىلارنى چەتكە قېقىشنى رەت قىلىمىز. پەلەستىن داۋاسىنى بولۇپمۇ قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى ۋە پەلەستىنلىك پۇقرالارنى قوغداش مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن بولىۋىيەگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بولىۋىيەنىڭ «گولان ئېگىزلىكى» مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. ئۇچرىشىشىمىزدا يەنە، ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەلقنىڭ ئىرادىسى، دېموكراتىيە گە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق دائىرىسىدە بولىۋىيەنى مادۇرۇو ھۆكۈمىتىنى ۋېنېزۇئېلانىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز. كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر - ئالاقە قاناللىرى داۋاملىق ئوچۇق تۇتۇلۇشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر