تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى
تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ، گارا ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى.
1180820
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى زاپ، گارا ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.