گىرېتسىيە «S-400» سېتىۋالالىغان يەردە نېمە ئۈچۈن تۈركىيە سېتىۋالالمىسۇن؟

ۋىلادىمىر ئېۋسېۋ تۈركىيەنىڭ قورال سېتىۋىلىش جەھەتتە ئامېرىكىغا بېقىندا بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1180518
گىرېتسىيە «S-400» سېتىۋالالىغان يەردە نېمە ئۈچۈن تۈركىيە سېتىۋالالمىسۇن؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئىشخانىسى رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇستەقىل دۆلەتلەر جەمئىيىتى ئىنستېتۇتى باشلىقى ۋىلادىمىر ئېۋسېۋ، «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىسىتېمىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «گېرىتسىيە سېتىۋالالىغان يەردە، تۈركىيەمۇ «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىسىتېمىسىنى سېتىۋالالايدۇ» دېدى.

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «رۇسىيە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى؛ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەردوغاننىڭ موسكۋا زىيارىتى» تېمىلىق يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە زىيارىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

مۇستەقىل دۆلەتلەر جەمئىيىتى ئىنستېتۇتى باشلىقى ۋىلادىمىر ئېۋسېۋ «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىسىتېمىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «"S-400" لەر نىشاننى بەلگىلەش مۇساپىسى ۋە رادىيو ئېلېكتىرونلۇق مۇھىتتىمۇ پائالىيەت قىلالايدىغانلىقى نۇقتىسىدىن ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېدى.

ۋىلادىمىر ئېۋسېۋ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولغان گىرېتسىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-300» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىسىتېمىسى سېتىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەگەر گىرېتسىيە سېتىۋالالىسا، نېمە ئۈچۈن تۈركىيە سېتىۋالالمىسۇن؟ تۈركىيەمۇ "S-400" باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىسىتېمىسىنى سېتىۋالالايدۇ. تۈركىيە قورال سېتىۋىلىش جەھەتتە ئامېرىكىغا بېقىندا بولۇشنى خالىمايدۇ» دېدى.

ۋىلادىمىر ئېۋسېۋ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئىلگىرىلەشلەرگە قاراپ قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە بىرونىۋىك ئاپتوموبىل ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئىشلەپچقىرىشقا تىرىشماقتا. رۇسىيە ۋە تۈركىيە ھەربىي مۇداپىئە ساھەسىدە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر