ئەردوغان نېتانياھۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1178966
ئەردوغان نېتانياھۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 8-قېتىملىق تۈركىيە-رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك كېڭىشى يىغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە پايتەختى موسكۋاغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ نېتانياھۇنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى قوشۇۋالغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ نېتانياھۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەر ئىشىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئىسىرائىلىيەنىڭ 1948-يىلىدىن بۇيان قىلىۋاتقان ھەر ئىشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن خاتىرجەم ھالدا بۇ قەدەمنى باستى. گولان ئېگىزلىكى ھەققىدە باسقان قەدەمدە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا مۇناسىۋەتلىك باسقان قەدەمدە بۇنى كۆرۈۋاتىمىز. سايلام مەبلىغى سۈپىتىدە بۇنداق قەدەم بېسىلىۋاتىدۇ. ئوتتۇرا شەرققە قايتىدىن قاراڭغۇ كېلەچەك ئەكىلىش تەييارلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. پەلەستىنلىكلەرنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ موسكۋادا بولىدىغان ئۇچرىشىشلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشىنىڭ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 3-قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ كۈچلەنگەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى، سۈرىيە ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مۇناسىۋەتلىرىمىز، سودا، ساياھەتچىلىك، ئېنېرگىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. كۆرۈشۈشتە، سودا ئومۇمىي ھەجىمىمىزنى قانداق ئاشۇرىدىغانلىقىمىزنى مۇزاكىرە قىلىمىز. دۆلىتىمىزدە ۋە رۇسىيەدە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان سودا-سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشىمىز. ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشمۇ كۈنتەرتىپىمىزنىڭ بىر ماددىسى. خۇسۇسىي پاسپورت بىلەن يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى ئۈچۈن ۋىزىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە بۇنى كېيىنچە بارلىق پۇقرالىرىمىز ئۈچۈن ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە بىلەن سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئېلىپ بېرىش پىلان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە بارلىق تەييارلىقلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«بىر كېچە چىقىپ تۇيۇقسىز بېرىشىمىز كېرەك بولغان يەرگە ياكى بېرىش كېرەك بولغان يەرگە بېرىشىمىز مۇمكىن. بۇ ئايرىم كۆرۈشۈشىمىزدە مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر