چاۋۇشئوغلۇ جون بولتون بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشتى.
1177602
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ يىغىندىن كېيىن، ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن كۆرۈشتى.
چاۋۇشئوغلۇ-بولتون كۆرۈشۈشى تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋاملاشتى ۋە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە كۆپلىگەن ناتو دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىككى كۈنلۈك ۋاشىنگتون پىروگراممىسى دائىرىسىدە، ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن باشقا پائالىيەتلەرگىمۇ قاتناشتى.