سايلامنىڭ ئاخىرقى غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرى:

ساندۇقلار ئاساسەن دېگۈدەك ئېچىلىپ بولغان بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلامنىڭ غەيرى رەسمى نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا:

1174177
سايلامنىڭ ئاخىرقى غەيرى رەسمىي نەتىجىلىرى:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەلقى 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان يەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى سايلاپ چىقتى.

ساندۇقلار ئاساسەن دېگۈدەك ئېچىلىپ بولغان بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلامنىڭ غەيرى رەسمى نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا:

جۇمھۇر ئىتتىپاقى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى-مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى): %51,74

مىللەت ئىتتىپاقى (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى-ئىيى پارتىيە): %37,64

بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %84 بولدى.

ئۈچ چوڭ شەھەرنىڭ غەيرى رەسمىي سايلام نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەنقەرە

جۇمھۇر ئىتتىپاقى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى-مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى): %47,36

مىللەت ئىتتىپاقى (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى-ئىيى پارتىيە): %50,42

ئىستانبۇل

جۇمھۇر ئىتتىپاقى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى-مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى): %48,82

مىللەت ئىتتىپاقى (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى-ئىيى پارتىيە): %48,55

ئىزمىر

جۇمھۇر ئىتتىپاقى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى-مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى): %38,48

مىللەت ئىتتىپاقى (جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى-ئىيى پارتىيە): %58,01

 

ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، مۇستەقىل تۈركىيە پارتىيەسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، دېموكرات پارتىيەسى، دېموكراتىك سول پارتىيەسى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيەسى پارتىيەسى، ئىيى پارتىيە، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، سائادەت پارتىيەسى، تۈركىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ۋەتەن پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ نامزاتلىرى سايلامدا رىقابەتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر