ئەردوغان ت ر ت قانىلىدا ئاياسوفيانىڭ جامەلىك سالاھىيىتى ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاياسوفيانىڭ ئەسلىدىنلا بىر جامە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

1173493
ئەردوغان ت ر ت قانىلىدا ئاياسوفيانىڭ جامەلىك سالاھىيىتى ئۈستىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاياسوفيانىڭ ئەسلىدە بىر جامى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ سالاھىيىتىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن قانۇنىي بەلگىلمىلەرنى چىقىرىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە رادىيو - تېلېۋزىيە ئىدارىسى ت ر ت قانىلىنىڭ نەخ مەيدان پىروگراممىسىدا، ئاياسوفيانىڭ جامەلىك سالاھىيىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى، ھەقسىز كىرىپ چىقىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى، قانۇنىي خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىشى، بىناغا قىلىنىدىغان بەزى مۇدىخالىلەرنىڭ تاماملىنىشى ۋە ئىبادەتكە ئېچىلىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئاياسوفيانىڭ ئەسلىدىنلا بىر جامە ئىكەنلىكىنى ۋە بىرىنچى بولۇپ بۇ سالاھىيىتىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنىي بەلگىلىمىلەرنىڭ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ۋە بىنادا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن بۇ يەرگە كىرىپ چىقىشنىڭ ھەقسىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئەردوغان يەنە ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىغا دائىر پىلانلارنىڭ تۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئالدى بىلەن تەبىئىي ھالدا ئاياسوفيا مۇزىيىمۇ ياكى جامەمۇ؟ بۇنى ھەل قىلىشىمىز لازىم. مۇزىي دېگەن سالاھىيەت ئاياسوفياغا تېخى يېقىندا بېرىلدى، بەك كۇنا سالاھىيەت ئەمەس. ئالدى بىلەن ئاياسويانى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى سالاھىيىتىگە ئېرىشتۇرۇش لازىم. چۈنكى ئاياسوفيا ئەسلىدە بىر جامە ئىدى» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر