تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى توغرىسىدىكى قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1170761
تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ گولان تۆپىلىكلىرى توغرىسىدىكى قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن 1967 – يىلىدىن بۇيان ئىشغال قىلىپ تۇرۇلۇۋاتقان گولان تۆپىلىكلىرى ئۈستىدىكى ئىسرائىلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن ئەپسۇسلاندۇق ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، باشتا ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 497 - نومۇرلۇق (1981-يىل) بولۇپ، خەلقئارا قانۇن ئېغىر دەپسەندە قىلىنغان بۇ قارارنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەس، بەلكى مەسىلىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش يولىدىكى پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، «مەزكۇر قارار، سۈرىيەنىڭ ۋە پۈتكۈل رايون دۆلەتلىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئەزالىرىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىزدۇر. ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى بىھۇدە شەكىلدە قانۇنىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، رايوننى تېخىمۇ ئېغىر مۇقىمسىزلىققا ئىتتىرىشنىڭ ئورنىغا، ب د ت ئەھدىنامىسىدە كۆرسىتىلگەن ئاساسىي پىرىنسىپلارغا ۋە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا بويسۇنۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ تۈپ مەسئۇلىيىتىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ گولان تۆپىلىكلىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقى» نى مەزمۇن قىلغان بىر قارارنامەنى ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر