مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قورقۇنچاقلىقىنى تەنقىد قىلدى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ گولان تۆپىلىكى مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1171026
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قورقۇنچاقلىقىنى تەنقىد قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەگە تەۋە گولان تۆپىلىكىنى «ئىسرائىلىيە زېمىنى» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسغا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتالىيادا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ سۈرىيەنىڭ گولان تۆپىلىكىنى ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيەننىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىپ قارارنامىگە ئىمزا قويدى. ئۇ قارارنامىغا قارشى رايوندىكى ئەرەب دۆلەتلىرىدىن بىرەر سادا چىقىپ باقتىمۇ؟! تۇنجى بولۇپ نارازىلىقنى كىم بىلدۈردى؟ ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان يەردە، بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قورقۇنجچىسى تۈپەيلىدىن ئاۋازىنىمۇ چىقىرالمايۋاتىدۇ» دېدى.

دونالد ترامپ 52 يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان گولان تۆپىلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىغا تۈنۈگۈن ئىمزا قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر