تۈركىيە سومالىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدىكى ئىككى مىنىستىرلىققا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدىكى ئىككى مىنىستىرلىق بىناسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: "پايتەخت موقدىشۇدىكى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرلىقى بىلەن يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىنالىرىغا قىلىنغان تېررولۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بۇ قانلىق ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپا، دوست ۋە قېرىنداش سومالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز."
سومالى دائىرىلىرى ئەش-شەباب تېررورچىلىرىنىڭ ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ۋە يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىقلىرىنىڭ بىنالىرىغا قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا مۇئاۋىن ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى ئىبراھىم ئابدۇللا بولۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.