ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددىي يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ھېچبىر دىن ۋە ئېتىقادنى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ئىزاھلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1168476
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جىددىي يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ھېچبىر دىن ۋە ئېتىقادنى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ئىزاھلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، تىنچلىقنىڭ ئىسلام ئىسمى ۋە مەركىزىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ، يېڭى زېلاندىيەدىكى ئىككى جامەگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇم ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلالماسلىققا قارشى كۈرەش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان جىددىي خاراكتېرلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتى باشلىقى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۇسۇف بىن ئەھمەد بىن ئۇسەيمىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بارلىق ئۆچمەنلىكنى قوزغاتقۇچى سۆزلەرگە ۋە بۇ سۆزلەر نورماللاشتۇرغان زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا بولغان نارازىلىقنى، باياناتلىرى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق نامايان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «كۈچىيىپ كەتكەن ئىرقچى تېررورنىڭ ئىرقچى ئىزلىرىنى ئارقىغا قاراپ كۆزەتكىنىمىزدە ئىسلام دۈشمىنى، چەت ئەللىك دۈشمىنى، كۆچمەن دۈشمىنى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ ۋە بۇلارنى تارقىتىۋاتقان سىياسەتچىلەرنىڭ، ھەتتا تاراتقۇلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز» دېدى.

ھېچبىر دىن ۋە ئېتىقادنى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ ئىزاھلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «تىنچلىق، بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئىسمى ۋە مەركىزىدىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىمىلىك خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ھەممىمىز بىرلىكتە ئىزچىل خىزمەت قىلىشىمىز مۇھىم. بۇ خىل ھۇجۇملار ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى بىر مېخانىزم تەرىپىدىن يېقىندىن كۆزىتىلىشى، خاتىرىلىنىپ تۇرۇشى ۋە بۇلار غەرب دۇنياسى ۋە جامائەتچىلىكى ئارىسىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشى لازىم» دېدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۇسەيمىنمۇ، «بارلىق لىدىرلارغا شۇنى دېيىشىمىز لازىم: بۇ تېررورنىڭ تىلى، دىنى، ئىرقى يوق، تېررور ھەردائىم تېررور  بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. بىز تىلىمىزنى يۇمشاتمىساق، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك سۆزلىرىگە توسقۇنلۇق قىلمىساق، بۇ خىل ھۇجۇملار داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، «(يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكەن ھەپتە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق) ھۇجۇمنى بىزگە نىسبەتەن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان بۇ ھۇجۇم، تېررورنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ئۈلگىسىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر