قالىن ترامپنىڭ غەلىتە باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى «گولان ئېگىزلىكى» توغرۇلۇق ئېلان قىلغان غەلىتە باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1168764
قالىن ترامپنىڭ غەلىتە باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىبراھىم قالىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، «ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تېررىتورىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى» تەرىقىسىدە بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، ھەمدە خەلقئارا قانۇندا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلىرىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال سىياسەتلىرىنى قوللاش ۋە توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىش، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئارىدىن 52 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تېررىتورىيەسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە ئائىت بولغان «گولان ئېگىزلىكى» نى 1967 – يىلدىن بېرى ئىشغالىيتى ئاستىدا تۇتماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر