ئەردوغان غەرب ئەللىرىگە سەمىمىيەت توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەرب ئەللىرىنى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە سەمىمىي بولۇشقا چاقىردى.

1166675
ئەردوغان غەرب ئەللىرىگە سەمىمىيەت توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زونگۇلداكنىڭ ئەرەگلى ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا خەلققە خىتاب قىلغاندا، يېڭى زېلاندىيەنىڭ چىرىسچۆرچ شەھىرىدە جۈمە نامىزى ۋاقتىدا ئىككى جامەگە قىلىنغان ۋە 50 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ھېسابىنى  يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئېلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېررورچىنىڭ قورالىدىكى ھەربىر خەت دۆلىتىمىزنىڭ پەردە ئارقىسىدىن ئوينىلىۋاتقان سۇيىقەستلىك ئويۇننىڭ ماھىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىز ئىستانبۇلنىڭ ئانادولۇ قىسمىدا ياشىغۇدەكمىشىز، ياۋروپا قىسمىدا ياشىمىغۇدەكمىشىز... سەن بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇدەك زادى كىم بولىسەن؟ 50 قېرىندىشىمىزنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردۈڭ... ئەمما بۇنىڭ چوقۇم ھېسابىنى بېرىسەن. ئەگەر يېزا ھېساب سورمىسا، ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدە  بىز ھېساب سوراشنى ئوبدان بىلىمىز.»

بەزى كۈچلەرنىڭ باشتىن تارتىپلا تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانارغا دۈشمەنلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ كۈچلەر بىزگە ئۆچمەنلىك ھەم دۈشمەنلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، كىن تۇتۇۋاتىدۇ، چېگرا رايونلىرىمىزنىڭ يېقىن ئەتراپلىرىدا تېررورچىلار كارىدورى شەكىللەندۈرۈشە ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ نىشانىمۇ ئوخشاش، مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈۋاتقانلىڭكىمۇ شۇنداق. بۇ ئەھۋاللارغا سەل قاراۋاتقانلار، فىرانسىيەگە نەزەر تاشلىشى كېرەك... فىرانسىيەدە تېررورلۇق تۈگىدىمۇ؟ ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيەدە ئاخىرلاشتىمۇ؟ ئەي غەرب ئەللىرى! سىلەرگە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىسىدە سەمىمىي بولۇڭلار، قاراڭلار، بەزىلەر سىلەر بۇ ھەقتە سەمىمىي بولمىغانلىقىڭلار ئۈچۈنلا قان تۆكۈۋاتىدۇ، بىر قىسىم دۆلەتلەر نااھەق بەدەل تۆلەۋاتىدۇ...»

غەرب ئەللىرىنى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى: «غەرب ئەللىرى ئىسرائىلىيە پەلەستىندە تۆككەن  قان ئۈچۈن ھېساب سورىدىمۇ؟ ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلا – قىلا پەلەستىنلىكلەرنى كىچىككىنە بىر رايونغا قىستاپ قويدى، ئۆزى بولسا دېگۈدەك پۈتكۈل پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر