تۈركىيە بىلەن ئىران پ ك ك غا بىرلىكتە زەربە بەرگەن

تۈركىيە بىلەن ئىران بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى.

1165880
تۈركىيە بىلەن ئىران پ ك ك غا بىرلىكتە زەربە بەرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ تېررورىزمغا زەربەر بېرىش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ بۈگۈن (18-مارت) ئەنقەرە ۋاقتى 08:00 دىن باشلاپ، ئىران بىلەن بىرلىكتە چېگرانىڭ شەرقىدە پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنى پارت ئارىدا ئېلان قىلىمىز، ئۇلارغا نەپەس ئالدۇرمايمىز.»

ئۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا يېڭى يۇمتال قاچىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېررورىستلارنىڭ تاغلاردا تاغلاردا يۈرۈش ئەمەس، بەلكى بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر