«ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتى ئىناۋەتسىز»

ئەنقەرە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ  تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرنى توڭلىتىپ قويۇش دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1162925
«ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دوكلاتى ئىناۋەتسىز»

يە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەرنى توڭلىتىپ قويۇش نىشان قىلىنغان دوكلاتنىڭ  ياۋروپا پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:  «ياۋروپا پارلامېنتى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرنى توڭلىتىپ قويۇش نىشان قىلىنغان دوكلاتنى قوبۇل قىلدى، ھالبۇكى، بۇ دوكلات بىزگە نىسبەتەن ئىناۋەتسىز ھەم  ھۆكۈمسىز بولۇپ، قىلچە قىممىتىمۇ يوقتۇر. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قىلچە ئەھمىيىتىمۇ بولمىغان قارارى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل ئىدېئولوگىيەنىڭ كونتىروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكنەلىكىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدۇر. دەرۋەقە، ياۋروپا پارلامېنتى دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەرگە ئوچۇق ۋە قوللىغۇچى قارارارنى ماقۇللاشتىن تولىمۇ يىراقلىشىپ كەتتى. چۈنكى، دۇنياغا ئاشقۇن ئوڭچىل ئىدېئولوگىيەنىڭ تار پەنجىرىسىدىن قارايدۇ. »

تۈركىيە دوكلاتىنى تەييارلىغان شەخسنىڭ (دوكلاتچى كاتى پىرىنىڭ) دېموكراتىيەدىنمۇ بەكرەك تېررورىزمنى قوللايدىغانلارغا يېقىنلىقىنىڭ ھەممە تەرىپىدىن بىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چەلىك، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يىغىن زاللىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كۆرگەزمىلىرى ئېچىلغان ياۋروپا پارلامېنتى، ئەجىبا قايسى يۈزى بىلەن بىزنىڭ دېموكراتىەمىزنى مەھكۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدىغاندۇ؟»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر