تۈركيىە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان قورال ئىستىھكاملىرى، پاناھجاي ۋە قورال - ياراق ئىسكىلاتلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى.
1162079
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.
باياناتتا، زاپ رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان قورال ئىستىھكاملىرى، پاناھجاي ۋە قورال ئىسكىلاتلىرى قاتارلىق نىشانلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.