چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1157458
چاۋۇشئوغلۇ: سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋاى رادىيوسى خەۋىرى: ئاغرىدا خەلقكە خىتاب قىلغان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بارلىق قوشنىلىرىمىزنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىۋاتىمىز. سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش بىلەن بىرلىكتە سىياسىي چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىمىزنى كۈچەيتتۇق. ئاساسىي قانۇن كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە يېڭىدىن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىمىز. سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە چېگرا پۈتۈنلۈكىمۇ ناھايىتى مۇھىم، تۈركىيە بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ» دېدى.

سۈرىيەدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئۇ رايوندا قالغان تېررورچىلارنىڭ تازىلىنىشى بىلەن سۈرىيەمۇ ئىنشائاللاھ بىخەتەر بىر دۆلەت بولىدۇ، سودىسىمىز كۈچىيىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاستا – ئاستا دۆلەتلىرىگە قايتىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «320 مىڭ ئەتراپىدا سۈرىيەلىك (تۈركىيە ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان) فىرات قالقىنى ۋە ئافرىن رايونىغا قايتتى. تۈركىيەدە ياشايدىغان 300 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيەلىك كورد قېرىندىشىمىز بار، ئۇلارمۇ قايتىشنى خالايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر