جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1150404
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر، ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى سىياسىي باسقۇچنى  قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورىزمنىڭ ھەرقاندىقىغا قارشى  كۈرەشتە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا  ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى بولغان  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئىككى رەھبەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارىنىڭ، ھەم ئورتاق مەنپەئەتلەرگە ئۇيغۇن، ھەم ئورتاق نىشانلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشى، ئامېرىكا – تۈركىيە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، 75 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانىغا يېتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.

بۇ ھەقتە ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى رەھبەر بىخەتەر رايون بەرپا قىلىشتا داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى رەھبەر، ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە كىرىزىسى، ئامېرىكا – تۈركىيە سودا مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاترىك شاناھان بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال جوزېف دۇنفوردنىڭ، بۇ مەسىلىلەرگە قوشۇمچە ھالدا مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مۇشۇ ھەپتە ۋاشىنگتوندا تۈركىيەلىك كەسپداشلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر