تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىريۇسسېل ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بېلگىيەدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بىريۇسسېلغا بۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى.

1144659
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىريۇسسېل ئايروپىلان سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى يەھيا ئۈستۈن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «قىممەتلىك يولۇچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە؛ بېلگىيەدىكى مىللىي ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن، 2019 – يىلى 13 – فېۋرال كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بىريۇسسېل ئايروپىلان سەپەرلىرىمىز بىكار قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر