تۈركىيە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاتالمىش ئەرمەنىي قىرغىنچىلىقىنى 24-ئاپرېل خاتىرىلەش كۈنى ئېلان قىلغن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننى ئەيىبلىدى.

1139813
تۈركىيە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئاتالمىش ئەرمەنىي قىرغىنچىلىقىنى «24 -ئاپرېل خاتىرىلەش كۈنى»سۈپىتىدە ئېلان قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

ئىبراھىم كالىن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ماكروننىڭ ئاتالمىش ئەرمەنىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى ئېلان قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، بۇنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.»

ئاتالمىش ئەرمەنىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقلىنى ۋە تارىخقا تامامەن زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى كالىن: جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2005-يىلى تارىخىي رىئاللىقنىڭ يورىتىپ بېرىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە شەخسلەرنى ئورتاق تارىخ كومىتېتى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىردى، بىراق جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ بۇ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشمىدى، ئۇلار ھازىرقى تارىخىي ۋەقەلەرنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنماقتا، ئۆتمۈشىمىزنى بۇرمىلاپ تارىختىن نەپرەت، ئۆچمەنلىك ۋە دۈشمەنلىك پەيدا قىلماقچى بولغانلار يامان غەرىزىگە يېتەلمەيدۇ، ھېچكىم تۈركىيەنى سادىر قىلمىغان بىر جىنايىتى سەۋەبلىك ئەيىبلىيەلمەيدۇ، تارىخىمىزغا داغ چۈشۈرەلمەيدۇ، دۆلىتىدە ئېغىر سىياسىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان ھۆرمەتلىك ماكرون ئەپەندىنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن تارىخىي ھادىسىلەرنى سىياسەتكە ۋاستە قىلىشىغا قەتئىي قارشىمىز ۋە ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەيمىز. ئازابلارنى رىقابەتلەشتۈرۈش ۋە سىياسىي ۋاستىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش سىياسىي ۋە ئەخلاقىي چىرىكلىكتۇر. تۈركىيە 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا يۈز بەرگە ھادىسىلەرنى ئورتاق ئازاب ۋە بىتەرەپ تارىخ پوزىتسىيەسى بىلەن يورىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ھەر قانداق ياخشى نىيەتلىك تىرىشچانلىقلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى.

پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون، ئاتالمىش 1915-يىلدىكى ئەرمەنىي ۋەقەلىرىنىڭ خاتىرە كۈنى بولغان 24-ئاپرېلنى «ئەرمەنىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى»ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر