ناسادا خىزمەتكە كىرگەن تۇنجى تۈرك ئايال: دىلھان ئەريۇرت

«بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ناسادا خىزمەتكە كىرگەن تۇنجى تۈرك ئايال: دىلھان ئەريۇرت» قا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1139018
ناسادا خىزمەتكە كىرگەن تۇنجى تۈرك ئايال: دىلھان ئەريۇرت

ناسادا خىزمەتكە كىرگەن تۇنجى تۈرك ئايال: دىلھان ئەريۇرت

تۈركىيەگە ئاستروفىزىكىسىنى ئېلىپ كەلگەن ئالىم پىروفېسسور دوكتور دىلھان ئەريۇرتنىڭ ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى – ناسادا ئىشلىگەن تۇنجى تۈرك ئايال تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن دىلھان ئەريۇرت، 1958 – يىلى ئىككى يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ كاناداغا بارىدۇ. ئارقىدىن دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، ناسانىڭ گوددارد تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا خىزمەت ھاياتىنى باشلاپ، قۇياشنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

ئىلىم – پەن تارىخىغا «قۇياشنى تەكشۈرگەن ئايال» دېگەن نام بىلەن كىرگەن دىلھان ئەريۇرت، 1969 – يىلى ئايغا قونۇش لايىھەسىگە قوشقان تۆھپىسى تۈپەيلى ناسانىڭ دۇنيادا ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەمگە بەرگەن «ئاپوللو ئۇتۇق مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر