دائېشنىڭ 4 ئەزاسى تۈركىيەدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ژاندارما قىسىملىرىغا قاراشلىق ئەترەتلەر چەت ئەلگە قانۇنسىز يوللار بىلەن چىقىپ كەتمەكچى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 4 ئەزاسىنى نازارەتكە ئالدى.

1137401
دائېشنىڭ 4 ئەزاسى تۈركىيەدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا قولغا چۈشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفانىڭ ئاقچەقەلە ناھىيەسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنىۋاتقان 4 گۇماندار بايقالدى. 

تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا 4 كىشىنى نازارەتكە ئالدى.

ژاندارمىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن گۇماندانلار ھەققىدە تېررورلۇق دائېرىسدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش جەريانىدا، تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

نازارەتكە ئېلىنغان تېررورچىلار ئارىسىدىكى بىر ئايالنىڭ قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر