تۈركىيە پ ك ك نىڭ قۇترىتىشى نەتىجىسىدە ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات بەردى

فاھرەتتىن ئالتۇن، پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي رايونىغا قاراتقان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى.

1133763
تۈركىيە پ ك ك نىڭ قۇترىتىشى نەتىجىسىدە ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي رايونىغا قاراتقان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ھۇجۇمچىلارنىڭ پۇقرالارنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى بوزۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فاھرەتتىن ئالتۇن، بلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا مەلۇمات  بېرىپ، «بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىغۋاگەرچىلىكتە بىرمۇ ئادىمىمىزنى يوقىتىپ قويمىدۇق، بىراق بىر قاتار نەرسە – كېرەكلەر زىيانغا ئۇچرىدى» دېدى.

ئۇ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي رايون ئەتراپىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى ۋە باشقا ۋاسىتىلەردە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ھۇجۇم توغرىسىدا يالغان ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. بارلىق تاراتقۇلار مەنسۇپلىرىنى تەشكىلاتنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ھوشيار بولۇشقا چاقىرىمىز، پ ك ك تېرروچىلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاكتىكىلاردىن پايدىلانغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، تۈركىيەنىڭ دوھوك خەلقى بىلەن يېقىن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ۋە رايوندا پۇقرالارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇرى ھەربىي رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇملار پۇقراچە كىيىنىۋالغان پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن دەسلىپىدە تاش ئېتىش بىلەن باشلانغان، كېيىنچە شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. ھۇجۇمدا بىر قىسىم ئاپتوموبىل ۋە نەرسە – كېرەكلەر قىسمەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ۋەقەلەر ئەسناسىدا پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھەردائىمقى تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ خەلق بىلەن ئەسكەرلەرنى قارىمۇقارشى ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى، ۋەقەلەرنىڭ زورىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك چارە – تەدبىرلەرنىڭ دەل ۋاقتىدا يولغا قويۇلغانلىقى، بۇ جەرياندا پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىلغانلىقى، ئەسكەرلەرنىڭ نورمال ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر