فاھرەتتىن ئالتۇن: چېگرايىمىزدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈش پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇردۇق

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، «فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چېگرايىمىزدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈش پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇردۇق» دېدى.

1129366
فاھرەتتىن ئالتۇن: چېگرايىمىزدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈش پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات بەردى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە شېھىت بولۇپ كەتكەنلەرنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالتۇن، «فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدىن كېيىن زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق چېگرايىمىزدا تېررور كارىدورى شەكىللەندۈرۈش پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇردۇق. دۇنيا تىنچلىقىغا خىزمەت قىلىدىغان قەدەملەر ئارقىلىق تەھدىتلەرگە پىسەنت قىلماستىن، ئويۇنلارنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتتۇق. زەپەرگە ئېرىشتۈرگەن شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن، غازىلىرىمىزنى مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر