تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا پ ك ك تېررورچىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 7 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1120013
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا پ ك ك تېررورچىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا تۈنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى پاناھلىنىش ئورنى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئۆڭگۈرلەرنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقىنى، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 7 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر