تۈركىيە - پاكىستان قوشما بايانات ئېلان قىلدى

قوشما باياناتتا رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە دائىر ئورتاق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1119759
تۈركىيە - پاكىستان قوشما بايانات ئېلان قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن ئايرىم ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، تۈركىيە پاكىستان قوشما باياناتىدا، مۇزاكىرىلەرگە ئالاقىدار مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە پاكىستان قوشما باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىلىرى تەكىتلەندى. 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە تەرەققىي تاپقان 8 دۆلەت تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇنبەرلەردە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت ھەمكارلىقتىن ھېس قىلىنغان مەمنۇنىيەت تىلغا ئېلىندى.

رايونلىرىدا ۋە خەلقئارادا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە باياشاتلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم داۋاملاشتۇرۇش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىلىرى تەكىتلەندى. جاممۇ كەشمىر مەسلىسىگە قارىتا سىجىل دىيالوگ يولى ئارقىلىق شۇنداقلا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىغا ماس ھالدا ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ئېھتىياج بارلىقى تەكىتلەندى. 

ئىككى رەھبەرنىڭ نۇقتىلىق دۆلەت مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا كۆرسىتىلگەن ئۆزئارا قوللاپ قۇۋۋەتلەشلەرنىڭ كۈچلۈك بىر شەكىلدە داۋاملىشىشىغا دائىر ئىرادىلىرىنى يېڭىلىغانلىقلىرى، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى تېخىمۇ بەك ئالدىنقى پىلانغا قويغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنى بايان قىلىشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە پاكىستان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئۆز دائىرىسىدىكى نۇرغۇنلىغان خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچىيىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ئىككى رەھبەر، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى تەرەققىي قىلغان ھەمكارلىقلارنى مەمنۇنلۇق بىلەن قەيت قىلىشقانلىقىنى بىلدۈردى.

قوشما باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كەچەيتىش ئىرادىلىرى بىلدۈرۈلدى. 

پاكىستاننىڭ يادرو تەمىناتچىلار گۇرۇپپىسى «NTG» غا ئەزا بولۇشىنى تۈركىيەنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە، «ئىككى دۆلەت قۇددۇسنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ۋە تارىخى خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار بارلىق ئۇرۇنۇشلارنى رەت قىلىپ كەلدى. پايتەختى قۇدۇس بولىدىغان ۋە 1967يىلىدا بەلگىلەنگەن چېگرانى ئاساس قىلغان ھالدا مۇستەقىل، ئۆز ئۆزىگە خوجا بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرلۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەردە، پەلەستىن خەلقىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە بىلەن پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى شۇنداقلا ئافغانىستان خەلقىنىڭ بارلىق تەبىقىلىرى ئارىسىدا يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پەقەت رايون دۆلەتلىرىنىڭ ھەمدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  شەرقىي ئاق دېڭىزدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئارالدىكى ھەر ئىككى خەلقنىڭ سىياسىي باراۋرەلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەل قىلىنىشىغا دائىر تولۇق ۋە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر