ئىغدىردا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى
ئىغدىردا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن (4-يانۋار) ئەنقەرە ۋاقتى 02:30 دا ئىغدىرنىڭ ئەمىنجە يېزىسى ئىران چېگرا لىنيەسىدە پىيادە چارلاۋاتقان 10 كىشىلىك چېگرا قوغداش ئالاھىدە ئەترىتىگە، چېگرادىن مەخپىي ئۆتكەن 10-8 كىشىلىك پ ك ك گۇرۇپپىسى، راكېتامىيوت، قول بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى، ئىككى ئەسكەر يارىلاندى. ئەسكەرلەرنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇش يۈز بەردى.
ئەتىگەندە توقۇنۇش يۈز بەرگەن جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى، بىر تېررورىستنىڭ سازلىقتا بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى تېررورىستنىڭ باشقا تېررورىستلار تەرىپىدىن چېگرادىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ تەخمىن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
توقۇنۇشتا يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقنىڭ شىمالىدا 32 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 32 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.