جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 82 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1115236
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
erdogan ögrencilerle.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستىقلال مارشىنىڭ يازغۇچىسى ئاتاقلىق مىللىي شائىر مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 82 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى كۈتۈلمىگەندە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى، ئاندىن ئۇلار جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئوقۇغۇچىلار جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ياتاق بىنالىرىغا تەكلىپ قىلدى ھەمدە تەكلىپىگە ئىجابىي جاۋاب ئالدى، ئۇلار پائالىيەتتىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن ۋە تەكلىپىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ھالدا ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر