خۇلۇسى ئاقار باشلىنىش ئالىدىدا تۇرغان ھەربىي ھەرىكەتكە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدە ئاخباراتچىلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1113356
خۇلۇسى ئاقار باشلىنىش ئالىدىدا تۇرغان  ھەربىي ھەرىكەتكە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىر مۇخبىرنىڭ «سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قاچان باشلىنىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ھەممە نەرسە پىلانلاندى. ھەممە ئىش ۋاقتىغا مۇناسىپ بىر شەكىلدە داۋاملاشماقتا» دېدى.

يەنە بىر مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مۈنبىچنى تېررورچىلاردىن تازىلاپ، رايوننى ئەسلى خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە كېلىشم ھاسىل قىلىنغان مۈنبىچ يول خەرىتىسىگە ئالاقىدار سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرىپ، «ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ۋاقىت بەلگىلەيمىز. بەلگىلەن چاغدا سىلەرگە ئېلان قىلىنىدۇ» دېدى.

خۇلۇسىي ئاقار پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۇرۇپ چىقىش قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئىستېپا بېرىش ۋەقەلىرى ھەققىدىكى سوئال ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ئۇ ئۆزلىرىنىڭ قارارى، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشى» دېدى

بىر مۇخبىرنىڭ «رۇسىيەدىن " S-400" تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىسىتېمىسى سىتىۋېلىشقا دائىر بىرەر قېيىنچىلىق يوقتۇ؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا: «پىلانلىغاندەك داۋاملىشىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاپ قايتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر